ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ رەھبىرى مۇللا ئۆمەرنىڭ ياردەمچىسى، مۇللا بۇرادەر تالىبانلار ھەرىكىتىنىڭ ھامىد كارزاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بەردى.
رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇللا بۇرادەر تالىبانلارنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر باياناتىدا، ئافغانىستاندىكى چەتئەل ھەربىي قىسىملىرىغا قارشى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملاردىن بىر قورال سۈپىتىدە تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، لېكىن ئەگەر چەتئەل ھەربىي قىسىملىرى ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتسە، تالىبانلارنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
باياناتىدا، ئافغانىستاندىكى مەسىلىلەرنىڭ ئۇرۇش ئارقىلىق ئەمەس، سۆھبەت ۋە چۈشۈنۈش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن مۇللا بۇرادەر، "ئەگەر چەتئەل ھەربىي كۈچلىرى ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتسە، تالىبانلار ھامىد كارزاي ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇشقا تىرىشمايدۇ" دېگەن.
سىياسىي ئانالىزچىلار، مۇللا برادەرنىڭ باياناتى، تالىبانلارنىڭ سىياسىتىدە مۇھىم ئۆزگىرىشنىڭ بىشارىتى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇرۇن ئۇلار ھامىت كارزاي ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ، چەتئەل ھەربىي قىسىملىرىنى ئافغانىستاندىن چىقىرىشنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق نىشانى دەپ ئېلان قىلغان ئىدى، دېيشمەكتە.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تالىبان رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملاردىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى، يېقىنقى يىللاردا تالىبانلارنىڭ ھەربىي جەھەتتىن قاتتىق زەربىلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى ھەمدە ئافغانىستاندىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيىگە قارشى ھۇجۇملار ئېلىپ بېرىش قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. (ئۆمەر قانات)