تالىبان كۈچلىرى19 - ئىيۇل كۈنى 23 نەپەر كورىيىلىك مىسيونېرنى گۆرۈگە ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈپ ، تۈرمىگە ئېلىنغان تالىبان ئەسكەرلىرىنى قويۇپ بېرىش بەدىلىگە گۆرۈگە ئېلىنغان كورىيىلىكلەرنى ئازات قىلىدىغانلىقىدەك تەلىپى رەت بولغاندىن كېيىن مەزكۇر مەسىلىنى ھەل قىلىشتا كورىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىشنى توغرا تاپقان.
يەنى2 - ئاۋغۇست كۈنى ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ باياناتچىسى يۇسىف ئەخمەد بايانات ئېلان قىلىپ " : گۆرۈگە ئېلىنغان 21 نەپەر كورىيىلىك تېخى ھايات ، ئەمما ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بەك ناچار . بىز كورىيە ھۆكۈمىتى بىلەن گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە سۈلھىلىشىش ئۈچۈن بىۋاستە سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلىمىز " دەپ بىلدۈرگەن.
تالىبان باياناتچىسى بۇ سۆزلەرنى قىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ، يەنى 1 - ئاۋغۇست ئافغانىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تالىبانلار بىلەن كورىيىلىك گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئېلىپ بارغان سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىز بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە ، مەزكۇر مەسىلە فىلىپىندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان شەرقىي ئاسىيا ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا كورىيە تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەمەلدارى ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ ، ئامېرىكا بىلەن كورىيە تالىبانلار قولىدىكى كورىيىلىكلەرنى قۇتقۇزۇشتا ھەربىي كۈچ ئىشلەتمەسلىك شەرتى بىلەن ھەر تەرەپتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە كېلىشكەن. (گۈلچېھرە)