ئافغانىستاننىڭ غەززە ئۆلكىسىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى پەيشەنبە كۈنى، ئافغانىستاندىكى قوراللىق تالىبان كۈچلىرىنىڭ، گۆرۈگە ئېلىنغان 19 نەپەر كورىيىلىكنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى سۆھبىتىنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تالىبان كۈچلىرىنىڭ 19 كورىيىلىكنى گۆرۈگە ئېلىۋالغىنىغا بىر يېرىم ئايدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ بىر يېرىم ئايدىن بېرى تالىبانلار ئافغان ھۆكۈمىتى ۋە كورىيە ۋەكىللىرى بىلەن بىرقانچە قېتىم سۆھبەت ئېلىپ باردى. تالىبان باياناتچىسى يۈسۈف ، بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ پەقەت غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدىلا ئۇچۇر بېرىپ، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.
تالىبانلار ، مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى ئىككى كورىيىلىك ئايالنى قويۇپ بېرىپ، بۇنىڭ ، ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىيىتى بىلەن ئاق كۆڭۈللۈكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئەمما شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، تالىبانلار بىلەن كورىيە ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى سۆھبەتلەر توختاپ قالدى. تالىبان كۈچلىرى ھازىرغا قەدەر گۆرۈگە ئېلىنغان ئىككى ئەرنى ئۆلتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئەگەر ئافغان ھۆكۈمىتى تۈرمە ئىچىدىكى بارلىق تالىبان ئەزالىرىنى قويۇپ بەرمىسە، ئۆزلىرىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالماقتا.
ئەمما ئافغانىستان ھۆكۈمىتى، تالىبانلارنىڭ جىنايەتچىلەر بىلەن گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى ئالماشتۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. (ئەقىدە)