قوراللىق تالىبانلار جەنۇبىي كورىيە بىلەن ئالتە ھەپتە داۋاملاشقان سۆزلىشىش ئارقىلىق، 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى (چارشەنبە كۈنى) گۆرۈگە ئېلىۋالغان 19 جەنۇبىي كورىيىلىكنىڭ 8 ىنى قويۇپ بەرگەن.
'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ ئافغانىستاننىڭ قەلەيغازى شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، قىزىل كىرېىست شاھىتلىرى تالىبانلار بىرىنچى تۈركۈمدە 3 نەپەر جەنۇبىي كورىيىلىك ئايالنى قەلەيغازىدا قويۇپ بەرگەنلىكىنى، يەنە بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، جەنۇبىي كورىيىلىك تۆت ئايال ۋە بىر ئەرنى شاھبازغا يېقىن بىر چۆلدە قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، جەنۇبىي كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىگىنىڭ باياناتچىسى چوخىيوڭنىڭ سىئول شەھىرىدە بايان قىلىشىچە، تالىبانلارنىڭ گۆرۈگە ئېلىۋالغان جەنۇبىي كورىيىلىكلەرنى بۇ قېتىم قويۇپ بېرىشى-- جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى ئافغانىستانغا ئەۋەتكەن ئەسكىرىنى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن قايتۇرۇپ كېلىشكە ۋەدە بەرگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن.
خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، تالىبانلار 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، كابۇلدىن قەندىخارغا ئاپتوبۇس بىلەن ساياھەتكە ماڭغان كىشىلەردىن 23 نەپەر جەنۇبىي كورىيىلىكنى قەندىخاردا گۆرۈگە ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ئىككى ئەرنى ئېتىپ تاشلاپ، ئىككى ئايالنىلا قويۇپ بەرگەن ئىدى. (ۋەلى)