نىگېرىيىنىڭ لاگاس شەھىرىگە جايلاشقان خىتاي بازىرىدىكى دۇكانلار تاموجنا ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇيۇقسىز تەكشۈرۈلۈپ، 10 نەپەر خىتاي سودىگىرى قولغا ئېلىنغان. مەزكۇر ھەرىكەتنى ئېلىپ بارغان تاموجنا ئىدارىسى خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋەقە خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ ئۆلچەمسىز ماللارنى ساتقانلىقى توغرىسىدا كەلگەن ئىنكاس سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان.
دۇنيا راي سىناش تور بېتىنىڭ 1 - يانۋار كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نىگېرىيە تاموجنىسى خىتاي بازىرىغا قۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى " خەلقئارا شىركەتلەر مەركىزى " دىكى 190 دۇكاننى تەكشۈرۈپ تاقىغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نىگېرىيە تاموجنا خادىملىرى، 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى سەھەردە خىتاي بازىرىنى تۇيۇقسىز قورشىۋالغان ۋە دۇكانلاردىكى ماللارنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما خىتاي سودىگەرلەر ماللارنى تەكشۈرۈشنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن.
تاموجنا خادىملىرىنىڭ مەقسىتى، مەزكۇر بازاردا ساختا ماللارنى سېتىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈش بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي سودىگەرلىرى يالغان ماركىلىق ساختا ماللارنى نىگېرىيىدە كۆپلەپ سېتىپ، نىگېرىيە ئىستىمالچىلىرىنى ئالدىغان ئىكەن. بۇ قېتىم ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە 190 دۇكان پۈتۈنلەي تاقىۋىتىلگەندىن سىرت، بازاردىكى ماللارنىڭ ھەممىسى تاموجنا ئىدارىسىغا يۆتكەپ كېتىلگەن ھەمدە خىتاي سودىگەرلەر بازاردىن قوغلىۋىتىلگەن.
تاموجنا ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى:" بىز ماللارنى تولۇق تەكشۈرۈپ چىقىپ، مەسىلە كۆرۈلمىسە ئۇلارنىڭ داۋاملىق تىجارەت قىلىشىغا يول قويىمىز "دېگەن.
خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، خىتاينىڭ ساختا ماللىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كەڭ تارقالغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىمۇ داڭلىق ماركىلارنى دوراپ ياسىغان خىتاي ماللىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپ سېتىلىدىغانلىقى مەلۇم قىلىنماقتا. (ئەقىدە)