دائىرىلەر يېڭى ئورلىياندا پۇقرالارنى مەجبۇرى تارقاقلاشتۇرماقتا

ئامېرىكا قۇيۇن ئاپىتىنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان يېڭى ئورلىياندا پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرماقتا. ساقچىلار، ئۆيىدىن ئايرىلىشنى رەت قىلغان پۇقرالارنى ئەسكەرلەرنىڭ ياردىمى بىلەن مەجبۇرىي تارقاقلاشتۇردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاپەت رايونىدىكى پۇقرالارنى قۇتقۇزۇش پىلانىنى جاكارلىغان. ئۇ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ھەر بىر ئائىلىگە دەسلەپكى قەدەمدە 2000 دوللاردىن پۇل بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

پرېزدېنت بۇش پەيشەنبە كۈنى ئاپەت رايونىدىكىلەرگە 51 مىليارد دوللار قۇتقۇزۇش پۇلى ئاجرىتىش قانۇنىغا دەرھال ئىمزا قويدى. بۇش 16 - سېنتەبىرنى قۇيۇن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ماتەم كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.

ئەمما ئامېرىكىدا پرېزىدېنت بۇشقا قارىتىلغان تەنقىد كۈچەيمەكتە. خەلق رايىنى سىناش نەتىجىلىرى پرېزىدېنت بۇشنى قوللاش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، خەلق رايىنى سىناشقا قاتناشقان پۇقرالارنىڭ ئۈچتەن ئىككى قىسىمى ھۆكۈمەتنى ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىشتە كېچىكتى، دەپ قارىغان.

جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېلل، بۇش ھۆكۈمىتى ئاپەتكە قارشى تولۇق تەييارلىق كۆرمىدى، دەپ كۆرسەتتى. ئاق ساراينىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇش ھەپتە ئاخىرىنى ئاپەت رايونىدا ئۆتكۈزىدىكەن. بۇنىڭ ئالدىدىئا مۇئاۋىن پرېزىدېنت دىك چىنېي ئاپەت رايونىغا كەتكەن ئىدى. (ئەركىن)