خىتاي ۋە ياپونىيە، تالاش تارتىشتىكى شەرقىي دېڭىز مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ھارپىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي دېڭىزغا ھەربىي پاراخوتلىرىنى ئەۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى، 30 - سېنتەبىر كۈنى توكيودا، تالاش - تارتىشتىكى شەرقىي دېڭىز رايونلىرىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارماقچى ئىدى. ئەمما بۇنىڭ ھارپىسىدا، خەلقئارا مەتبۇئاتلار بىردەك خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي دېڭىزدا بىر زاپاس ئۇرۇش پاراخوت ئەترىتى قۇرغانلىقىغا دىققەت قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ پەيشەنبە كۈنى بۇنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇ "بۇنداق بىر زاپاس ئۇرۇش پاراخوت ئەترىتى قۇرۇش، دېڭىز ئارمىيىمىزنىڭ تىنچ مەزگىللەردە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش، جىددىي ئادەم يۆتكەش ، دېڭىزدىكى توسقۇنلۇقلارنى تېزدىن يوقىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
ئەمما چىن گاڭ بۇ ئەترەتنىڭ كۆلىمى ۋە چارلاش دائىرىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. شۇڭا بۇ ئەترەتنىڭ ياپونىيىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان - قىلمىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلىش ئىنتايىن تەس.
بۇنىڭ ئالدىدا، ياپونىيە خىتاينىڭ بايلىققا مول شەرقىي دېڭىز رايونىدا تەبىئىي گاز قېزىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭغا قاتتىق نارازى بولغان. چۈنكى ياپونىيە، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى قېزىش پائالىيەتلىرىنىڭ، ياپونىيە تەۋەلىكىدىكى دېڭىز ئاستىدىكى تەبىئىي گاز ۋە نېفىتلەرنى سۈمۈرۈپ كېتىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. بۇ سەۋەبتىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يىرىكلەشمەكتە.
خىتاي ۋە ياپونىيىنىڭ تەبىئىي بايلىققا مول شەرقىي دېڭىزدا زىمىن داۋاسى بار بولۇپ، ئىككى تەرەپ بىر- بىرىنىڭ بۇ رايوندىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېدىرىش پىلانىغا قارشى. (ئارزۇ)