خىتاي -پاكىستان تاش يولى ئۈزۈلۈپ قالدى

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پاكىستان ۋە خىتاي ئارىسىدىكى ھەربىي- سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى باغلاش رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقان پاكىستان-خىتاي تاش يولىنىڭ پاكىستاننىڭ سۇسىت چېگرا ئېغىزىدىن ئون نەچچە كىلومېتىر جايدىكى قىسىمى قىيان ئاپىتى سەۋەبىدىن بۇزۇلۇپ كېتىپ، ئون نەچچە كۈندىن بۇيان ئىككى تەرەپ قاتنىشىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان. بۇزۇلغان تاش يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنى ياساشقا خېلى كۈچ ۋە ۋاقىت كېتىدىكەن.

تاش يولنىڭ بۇزۇلۇشى ئىككى تەرەپ يۈك ۋە يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، خىتاي ئۆتكىلىدىن ئاتلانغان 30 ئاپتوموبىل پاكىستان سۇست ئېغىزىدا توختاپ قالغان. يەنە 15 ئاپتوموبىل چېگرىدىن چىقىشنى كۈتۈپ يېتىشقا مەجبۇر بولغان، پاكىستاننىڭ ئالتە ئاپتوموبىلىمۇ دۆلىتىگە قايتالمىغان.

مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستان-خىتاي تاش يولى قارا قورۇم تاش يولى دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، بۇ يول ئېگىز تاغلارغا ۋە داۋانلارغا قۇرۇلغان بولغاچقا ، خەتىرى كۆپ ئىكەن. لېكىن، بۇنداق بولۇشىغا قارىماي، مەزكۇر لىنىيە خىتاينىڭ ھىندى ئوكيان رايونىغا چىقىشىدا ئەڭ قولايلىق ۋە يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەردە تۆمۈر يول ياساپ، ئۇنى پاكىستان تۆمۈر يولى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھىندى ئوكيان قىرغىقى بىلەن سودا-ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە مۇناسىۋىتى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان ئىكەن. (ئۈمىدۋار)