خىتاي سودا-سانائەت ۋەكىللەر ئۆمىكى تاشكەنتتە پائالىيەت قىلدى
2007.07.08
خىتاي مالىيە مىنىستىرىنىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتى رامكىسى ئاستىدا خىتاي تىجارەت ۋەكىللەر ئۆمىكى 6-ئىيۇلدىن 9-ئىيۇلغىچە ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولغان.
پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆزبېكىستان سودا ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى خىتاينىڭ چوڭ شىركەتلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى توقۇمچىلىق ، يېزا ئىگىلىك ، يىپەكچىلىك سانائەت ئۈسكۈنىلىرى ياساش، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ باش كىيىملىرى تىكىش ، قۇرۇلۇش ۋە ياغاچچىلىق سانائىتى قاتارلىق ھەر ساھە بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەت-كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشتىن ئىبارەتتۇر. 9-ئىيۇل كۈنى ئىككى دۆلەت سودا-سانائەتچىلىرى ھەم شىركەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئارىسىدا بەسلەشتۈرۈپ سېتىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن.
نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان سودىسىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى يەتتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت قازاقىستان بىلەن بولغان سودا قىممىتىلا 6 مىليارد دوللارغا يەتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستانلار تۇرغان بولۇپ، ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدا 530 كىلومېترلىق تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، ئۆزبېكىستان تەبىئىي گازلىرىنى خىتايغا سېتىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان.
ئەگەردە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى بۇ سودا ئەمەلگە ئاشسا، كەلگۈسىدە ئۆزبېكىستان خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەنە بىر چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى 2005-يىلى، ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى سوغۇقلاشتۇرۇپ، خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان سىياسىي ھەم ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنى ئاشۇرغان شۇنىڭدەك تاشكەنت رەھبەرلىرى رۇسىيە ۋە خىتاي مەبلەغلىرىنى ئۆزبېكىستانغا ئېلىپ كىرىشكە تىرىشماقتا. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەتلىرى ئاياغلاشتى
- ئامېرىكا خىتايغا ئىلغار تېخنىك ئېكسپورت ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتتى
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتايغا قارشى قانۇن لايىھىسى سۇندى
- رۇسىيە خىتاي ماللىرىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتتى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنستىرلىرى خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم ئۇچراشتى
- قانۇن چىقارغۇچىلار ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادى سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىگە تەنقىدى پوزىتسىيە تۇتتى
- ئامېرىكا -خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي دىئالوگى ئاخىرلاشتى، ئەمما مەسىلە يەنىلا مەۋجۇت
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ئېكسپورت قىلغان ئاياق كىيىملىرىدىن باج ئېلىشنى قارار قىلدى