قازاندا قول شەرىپ مەسچىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

تاتارىستان پايتەختى قازاندىكى قۇل شەرىپ مەسچىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاتاغلىق دىنىي زاتلار ۋە سىياسى ئەربابلار ئىشتىراك قىلدى. بۇ مۇراسىم قازان شەھىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ بىر قىسىمى. مۇراسىمغا دۇنيا ئىسلام بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئاقمەلەددىن ئىھسانئوغلى ئىشتىراك قىلغان. ئۇ، قۇل شەرىپ مەسچىتىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىدى. مۇراسىمغا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى، ئەزەربەيجان، رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت، ئىران، تۈركىيە، مىسىر، بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىگى قاتارلىق ئەللەرنىڭ سىياسى ۋە دىنىي ۋەكىللىرى قاتناشقان. قۇل شەرىپ مەسچىتى تاتارىستان شۇنداقلا پۈتۈن رۇسىيە بويىچە ئەڭ چوڭ تارىخىي قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى.

مەزكۇر مەسچىت، 1552 - يىلى چار رۇسىيە قوشۇنلىرى قازاننى ئىشغال قىلغاندا ۋەيران بولغان. كېيىنكى چاغلاردا مەسچىتكە چار رۇسىيە قوشۇنىغا قارشى قازاننى مۇداپىئە قىلغان تاتار قەھرىمانى سەيىد قۇل شەرىپنىڭ نامى بېرىلگەن ئىدى. تاتارلار بۇ يازدا قازان شەھىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان. تاتارىستان رۇسىيە فېدىراتسىيىسىنىڭ بىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى بولسىمۇ، ئەمما بۇ تاتارلارنىڭ قازان شەھىرىنىڭ 1000 يىللىقىنى تەبرىكلەش شۇنداقلا قۇل شەرىپ مەسچىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى خەلقئارالىق كۆلەمدە تەبرىكلىشىگە توسالغۇ بولمىغان.(ئەركىن)