قىرىم تاتارلىرى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى

ئۇكرائىنىيە كونترول ئاستىغا ئېلىۋالغان قىرىم ئارىلىدىكى قىرىم تاتارلىرى ئۆزلىرىنىڭ يەر زېمىنلىرىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. شەنبە كۈنى قىرىمدىكى سۇداق شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدا 50 نەچچە نەپەر قىرىم تاتارلىرىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىلىپ، ئۆزلىرىگە تەۋە دەپ قارالغان يەرلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، شەھەر باشلىقىنى ئۆزلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە چاقىرغان بولسىمۇ، لېكىن نەتىجە چىقمىغان، مەيدانغا قوراللىق ساقچىلار كېلىپ ئۇلارنى تارقىتىۋەتمەكچى بولغاندا توقۇنۇش كېلىپ چىققان.

رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، توقۇنۇشقا تۆت ئادەم قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ۋەقە تېخىمۇ كېڭەيگەن. تاتارلار شەھەرنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىنى قامال قىلىپ، يوللارنى توسۇۋەتكەن. ئۇكرائىنىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىنى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، توقۇنۇشتا ئۇمۇ زەربە يىگەن. ۋەقەنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۇكرائىنىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 150 نەپەر قوراللىق ساقچى ۋە 50 نەچچە نەپەر ئالاھىدە خىزمەت جەڭچىسىنى ئەۋەتكەن.

بۇ مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم يۈز بەرگەن توقۇنۇش ۋەقەسى بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى تاتارلار يالتا شەھىرىدىن سىمفېرېپول شەھىرىگە بارىدىغان يوللارنى توسۇۋالغان، قىرىم تاتارلىرى بىلەن رۇسلار ۋە ئۇكرائىنلار ئارىسىدا دۋاملىق توقۇنۇشلار كېلىپ چىققان.

قىرىم تاتارلىرىنىڭ يەر زېمىن تەلەپ قىلىشى ۋە يەرلەرنى ئۆزلىكىدىن ئىگىلىشىگە سەۋەب بولغان ۋەقە 1944-يىلى ئۇلارنىڭ ستالىن تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا ھەيدىۋېتلىشى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ستالىن قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى بىكار قىلىپ، بارلىق تاتارلارنى خائىن دەپ ئۆز يۇرتلىرىدىن ھەيدىۋەتكەن، قىرىم تاتارلىرىنىڭ يەرلىرى، ئۆيلىرىنى رۇسلار، ئۇكرائىنلار ئىگىلىگەن. ستالىن ئۆلگەندىن كېيىن قىرىم تاتارلىرى ئۆيلىرىگە قايتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھېچ نېمىگە ئېرىشەلمىگەن ھەمدە كەمسىتىلىشكە ئۇچرىغان.

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن قىرىم مەسىلىسى ئۇكرائىنىيىگە قالغان. قىرىم تاتارلىرى ئۆز ھوقۇقلىرى ۋە باشقىلار ئىگىلىۋالغان يەر-زېمىنلارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن جىددىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. بىر قىسىم تاتار ھۆكۈمەت يەرلىرىنى قايتۇرۇپ بەرمىگەندە ، ئۆز ئىختىيارى بىلەن يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىش چارىسى قوللانغان. (ئۈمىدۋار)