قازاندا گۇانتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن تاتار ياشلىرى ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى


2006.03.26

تاتارىستاننىڭ پايتەختى قازان شەھىرىدە 26- مارت كۈنى 30 نەچچە كىشى توپلىنىپ، ئۆتكەن يىلى گۇانتانومو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، قايتىدىن رۇسىيە ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئۈچ نەپەر تاتار ياشنى ۋە 2004-يىلى، تېررورچىلىق قىلماقچى دېگەن گۇناھ بىلەن قولغا ئېلىنغان 23 نەپەر تاتارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، نامايىش ئۆتكۈزگەن.

رۇسىيىنىڭ نەۋسرۇ. ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، بۇ نامايىشقا تاتار ئىجتىمائىي جەمىيىتى دەپ ئاتالغان تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، پائالىيەتچىلەرنىڭ رەھبىرى خەلىل ئايۇپوۋ مۇخبىرغا تاتارىستاندا ئىسلام رادىكالىزىمىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، تاتارلارنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ھەنېفىيە مەزھىپىگە مەنسۇپ بولۇش بىلەن ۋاھابىيلار مەزھىپىدىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى گۇماروپ ۋە ئىشمۇراتوپ ئىسىملىك ئىككى ياش ئافغانىستاندا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، گۇانتانومو تۈرمىسىگە سولانغاندىن كېيىن 2005-يىلى قويۇپ بېرىلىپ، رۇسىيىگە قايتۇرۇلغان ئىدى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي رۇسىيە دائىرىلىرى ئۇلارنى قولغا ئالغان. تاتارىستان سوتى ئۇلارنىڭ دېلوسىنى رۇسىيە ئالىي سوتىغا يوللىغان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە ئالىي سوتى بۇنى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلىپ، دېلونىڭ ۋاقتى سوزۇلۇپ كەتكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تاتار نامايىشچىلىرى قوللىرىدا "خەلقئارا جەمىيەت گۇانتانومو تۈرمىسىنى تاقاشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، قاچان رۇسىيىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان تۇرمىلىرى تاقىلىدۇ؟" دېگەندەك پىلاكاتلارنى كۆتۈرىۋالغان ئىكەن.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.