ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھەربىي تەھدىدى توغرىسىدىكى قارىشى بېيجىڭ دائىرىلىرىنى غەزەپلەندۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىكى تەرەققىياتى تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دېگەن سۆزىنى تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكىنى تەيۋەن دائىرىلىرىگە خاتا سىگنال بېرىش بىلەن ئەيىپلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقىنىڭ يۇقىرىقى قارىشىنى تەنقىد قىلغان.

مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى پورتېر گوس، " خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقى شۇنداقلا خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ يىغىلىشى، تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ تەرەققىياتى رايوندىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىغا تەھدىت،" دەپ سۆزلىگەن.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭ چۈەن، گوسنىڭ سۆزىنى "مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قىلىنغان سۆز،" دەپ كۆرسەتتى. كوڭ چۈەن مۇنداق دەيدۇ: " ئامېرىكا جوڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا چېكىدىن ئېشىپ قول تىقماقتا شۇنداقلا تەيۋەن مۇستەقىلچى كۈچلىرىگە خاتا سىگنال بەرمەكتە."

بىراق كوڭ چۈەن، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تىرىشچانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. پورتېر گوس، خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزى قارشى قىرغىقىدىكى بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار شۇنداقلا سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ سانىنى ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

كوڭ چۈەن، بېيجىڭنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش تەرەپدارى، ئامما تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقنى تاللىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (ئەركىن)