ئامېرىكا دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەھدىتىنى مۆلچەرلىدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىندا دوكلات چىقىرىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتىنى مۆلچەرلىدى. دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۆتكەنكى يىگىرمە يىل ئىچىدىكى ئاخبارات توپلاش ئىقتىدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئامېرىكا ۋە رۇسىيىدىنلا كېيىن تۇرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

" جاسۇسلۇق تەھدىت قوللانمىسى" ناملىق مەزكۇر دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئاخبارات توپلاش جەھەتتە ئەتراپىدىكى ھىندىستان، ياپونىيە، رۇسىيە، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى نۇقتىلىق نىشان قىلغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەربىي بازىسىدىن چىققان سىگناللارغا ئالاھىدە قىزىققان.

دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي گەرچە ئامېرىكىدىن ئېلېكترونلۇق ئاخباراتلارنى توپلاش قابىلىيىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق يېقىن كەلگۈسىدە، خىتاي ئاساسلىقى يەنىلا خەلق ئىچىدىكى تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاشكارىلانغان ھۆججەتلىرىدىن ئامېرىكىنىڭ ئاخباراتلىرىنى توپلايدىكەن.

دوكلاتتا يەنە تەكىتلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا يەتتە دىپلوماتىيە ئورگىنى، 2700 دىن ئارتۇق سودا ئورگىنى بار بولۇپ، بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ۋە مەكتەپ پۈتتۈرگەن 100 مىڭدەك ئوقۇغۇچىسى بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئاخبارات توپلاش خىزمىتىگە ئاسانلىق تۇغدۇرىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن خىتايلارنى ئاخبارات توپلاش ئىشلىرىغا سالماقتا ئىكەن.

ئەمما دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاخبارات توپلاش ئۇسۇلى ئاساسلىقى ئىنتايىن كۆپ ئادەمنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق يىغقان چەكلىك ئۇچۇرلارنى توپلاش بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۈنۈمى تۆۋەن ئىكەن. (ئارزۇ)