پېن تاگون: خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشى تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە ياردەمچى مىنىستىرى لاۋلىس، ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، گەرچە خىتاي ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى تەرەققى قىلدۇرۇشىدىن كېلىپ چىقىدىغان خەتەرگە سەل قارىماسلىقى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. لاۋلىس تەكىتلىشىچە، بولۇپمۇ بۇ ئەھۋال تەيۋەن بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

لاۋلىس مۇنداق دەيدۇ: :"گەرچە خىتايلار تەيۋەن بىلەن بولغان ئىختىلاپنى تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىمىز دېگەن بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭ قورال كۈچى ئىشلىتىش تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى تاللاش يوللىرىنىڭ بىرى، دېگەن ئىدىيىدىن ۋاز كەچمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ئارمىيىسى ئۆزلۈكسىز زامانىۋىلاشماقتا، بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىدە گۇمان تۇغدۇرىدۇ".

بۇ ئارىدا جۈمە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، خىتاينى خەلقئارا سىياسى سەھنىدە باش كۆتۈرىۋاتقان ئامىل، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىنى قوغداش، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە ئىختىلاپ بارلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما ئۇ، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسۋىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. (ئەركىن)