ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، خىتاينى ئاسىيا بىخەتەرلىكىدىكى جىددى مەسىلە، دەپ كۆرسەتتى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفىلد، شىمالى كورىيىنىڭ يادرو قوراللار پىلانى بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتىنى كۆپەيتىشى ئاسىيا بىخەتەرلىكىدىكى ئېغى مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسىمى، دەپ كۆرسەتتى.

رامسفىلد بۇ سۆزنى جۈمە كۈنى سىنگاپوردا چاقىرىلغان ئاسىيا بىخەتەرلىك يىغىنىدا سۆزلىگەن. رامسفىلد مۇخبىرلارغا مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر خىتاي ئىقتىسادى ۋە سىياسى جەھەتتىكى ئەركىن تۈزۈم ئاستىدا خىتاي خەلقىنى ھەر خىل پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلىسە، تېخىمۇ كۆپ مۇۋاپىقىيەتلەرنى قازىنىدۇ."

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بېرى ھەر يىلى ھەربىي خام چوتىنى 17 ٪ ئەتراپىدا ئۆستۈرمەكتە. يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ياردەمچى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لەۋلىس، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى تەيۋەن بوغۇزىدىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

رامسفىلد، شىمالىي كورىيىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە دۇنيا يادرو قوراللار تېخنىكىسى تارقىتىۋاتقان دۆلەت، دەپ ئەيىبلىگەن. پرېزدىئېنت بۇش ئالدىنقى كۈنى ئاق سارايدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاينى شىمالىي كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىدىكى شېرىكىمىز، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رامسفىلد ئاسىيا بىخەتەرلىك يىغىنى جەريانىدا ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە ۋە ئاۋسترالىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچرۇشىدىكەن. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار، ئۆتكەن يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ھىندى ئوكياندا سۇنامى دولقۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھىندى ئوكياندىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. (ئەركىن)