خىتايدىن كېلىدىغان ھۇجۇم تەھدىتى ياپونىيە مۇداپىئە پىلانىدا يەر ئالدى


2005.09.26

ياپونىيىدە چىقىدىغان "ئاساخى شىنبېن" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىكى يېقىندا تۈزگەن بىر مۇداپىئە پىلانىدا، 2008 - يىلغىچە ياپونىيە دۇچ كېلىدىغان تەھدىتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاينىڭ ياپونىيىگە ھۇجۇم قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ پىلانىدا تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ياپونىيىگە ئىككى خىل ھۇجۇم قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بىرى، خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتى جىددىلەشكەندە، خىتاي ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تالاش تارتىشتىكى خىتايلار تەرىپىدىن دياۋيۈيداۋ، دەپ ئاتالغان سانكاكو تاقىم ئاراللىرىنى ئىشغال قىلىش، ئىككىنچى تەيۋەن بوغۇزىدا توقۇنۇش پارتلىغاندا خىتاي ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدىكى ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن. ئەمما ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ ياپونىيىگە ھۇجۇم قىلىش مۈمكىنچىلىكى ئاز، دەپ تەكىتلىگەن.

ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتى، خىتاي - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا شەرقىي دېڭىز رايونىدىكى بەزى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشى ئۆتكۈرلەشكەن بىر چاغدا ئېلان قىلىندى.

دەل مۇشۇ چاغدا، خىتايلار " بېيجيەن 2005" ناملىق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىترلىكىدىكى دائىرىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، "بېيجيەن" مانېۋىرنىڭ شىمالدا ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا "جيەن" تۇيۇقسىز زەربىنى ئىپادىلەيدىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.