مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى ئامېرىكىنى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىگە سەل قارىماسلىققا ئاگاھلاندۇردى
2005.12.15
ئامېرىكىدىكى داڭلىق مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى چارشەنبە كۈنى يېڭى تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىگە سەل قارىماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.
ئامېرىكىدىكى كونسېرۋاتىپ مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى بولغان خادسېن ئىنىستىتوتى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن، "خىتاينىڭ تېز ئېشىۋاتقان تېخنىكا ئىلغارلىقىنىڭ ئۆزى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ ئىلغار ۋە كۈچلۈك قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن چوقۇم جىددىي پىلان تۈزۈپ چىقىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.
مەزكۇر دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ كېيىنكى يېرىم ئەسىردە يۇقىرى تېخنىكا ۋە ھەربىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى "تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش" ھەمدە ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دېموكراتىيىلىشىشى بىلەن ھەددىدىن زىيادە ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
خادسېن ئىنىستىتوتى دوكلاتىدا يەنە، ئامېرىكىنىڭ پارىس قولتۇغى ئۇرۇشىدا ئىشلەتكەن ئىلغار ھەربىي قوراللىرىنىڭ خىتاينى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى، ئەمما ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي پەرقنىڭ ھازىر بارغانسېرى كىچىكلەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، "ئەگەر ئامېرىكا داۋاملىق خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىگە سەل قاراۋەرسە، ئۇزۇنغا قالماي خىتاي ئامېرىكىنى گويا ماشىنىنىڭ ئالدىدىكى كىيىكتەك تۇتىۋالىدۇ. خۇددى ئامېرىكا 1991 - يىلى خىتاينى شۇنداق قىلغاندەك" دېدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيىسى بەلگىلىشى كېرەك
- ئەنگلىيە تەتقىقات ئورنى: خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى، ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تەھدىت
- خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرى، خىتاي ئامېرىكا ئۈچۈن تەھدىت ئەمەس، دېدى
- خىتايدىن كېلىدىغان ھۇجۇم تەھدىتى ياپونىيە مۇداپىئە پىلانىدا يەر ئالدى
- روبېرت زويلىك: خىتايدا بىر پارتىيە دىكتاتورلىقى ئۇزۇنغا بارمايدۇ