ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي تەھدىتى ھەققىدە توختالدى


2005.12.22

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارو ئاسۇ پەيشەنبە كۈنى "يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولغان ھەمدە ھەربىي خامچوتنى توختىماستىن ئاشۇرۇۋاتقان خىتاي، ياپونىيە ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە تەھدىت" دەپ بىلدۈردى.

تورو ئاسۇ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا " بىزگە قوشنا بولغان بۇ دۆلەت يادرو قورالىغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن 12 يىلدىن بېرى ھەربىي خامچوتنى توختىماستىن ئاشۇرۇپ، بۇرۇنقىدىن ئىككى ھەسسە كۆپەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي سىياسىتىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا بولماسلىقى قاتارلىقلار بۇ دۆلەتنىڭ ياپونىيە ئۈچۈن بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ" دېدى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توكيو ھېچقاچان خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى ئۆزى ئۈچۈن بىۋاستە تەھدىت دەپ قارىمايدىكەن.

بۇ ئارىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىڭ گاڭ "جۇڭگو ئەزەلدىنلا تېنچلىق شەكىلدە تەرەققى قىلىش يولىنى تاللىۋالغان، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى رايون ۋە دۇنيانىڭ تېنچلىقى ھەمدە مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى، بولۇپمۇ ياپونىيىنى ئىچىگە ئالغان ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن زور تەرەققىيات پۇرسىتى ياراتتى، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 'جۇڭگونىڭ ئالاھىدە بىر تەھدىت ئىكەنلىكى' ھەققىدىكى بۇ نەزەرىيىسىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك " دەپ نارازىلىقىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.