ياپونىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى: جۇڭگو ياپونىيىگە ھەربىي تەھدىت

ياپونىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى تارو ئاسۇنىڭ تەكىتلىشىچە، جۇڭگو ياپونىيىگە ھەربىي تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە. ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تارو ئاسۇ يەكشەنبە كۈنى خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتى ۋە ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمىنىڭ ياسۇكونى بۇزرۇكگاھىنى زىيارەت قىلىش ھەرىكىتى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالغان.

تارو ئاسۇ ياپونىيە فۇشى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، "جۇڭگونىڭ ھەربىي خام چوتى شىددەت بىلەن كۆپەيمەكتە، دەيدۇ. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھەربىي خام چوتىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى روشەن ئەمەس. تاشقىي دۇنيا خىتاي ھەربىي خام چوتىنىڭ قەيەرلەرگە خەجلىنىۋاتقانلىقى بىلمەيدۇ. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بۇنىڭدىن تەھدىت ھېس قىلماقتا.

1990 - يىللاردىن بېرى ،خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە ھەربىي خام چوتى يىلىغا 2 رەقەملىك سان بويىچە كۆپىيىپ ماڭدى. بۇ يىل 3 - ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلقى دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىنى 35 مىليارد دوللارغا ئۆستۈرۈپ، 14 % ئاشۇرغانلىقىنى جاكارلىغان. لېكىن ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، خىتاينىڭ يىللىق ھەربىي خام چوتى ئۇلار ئېلان قىلغان ساندىن كۆپ يۇقىرى بولۇشى مۈمكىن.

بەزى كۆخەتكۈچىلەر، خىتاي ھەربىي خام چوتىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى سانى 105 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي خام چوتنى ئاشۇرۇشتىكى مەقسىدى ھەربىيلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، تەلىم - تەربىيىگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىش ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى يېڭىشلاش ئۈچۈن، دەپ كۆرسەتمەكتە. (ئەركىن)