ئامېرىكا: خىتاينىڭ قورال - ياراقلار كېڭەيمىچىلىكى دۇنياغا تەھدىت


2006.09.15

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتاينى لۈكچەك دۆلەتلەرگە خالىغانچە قورال - ياراق ساتماقتا، دەپ ئەيىبلىدى ۋە خىتاي بىئو - خىمىيىلىك قوراللارنى تەرەققى قىلدۇرۇۋاتىدۇ، دەپ گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتىر رودمان، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى بۇرنىنىڭ ئۇچۇنىلا كۆرگەنلىك، دەپ تەنقىدلىگەن. رودمان، پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي - ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە ۋە ئىرانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىردى ۋە بۇ دۆلەتلەرگە خالىغانچە قورال - ياراق ساتماسلىقنى تەلەپ قىلدى. ئۇ، "خىتاينىڭ ھەرىكىتى يىراقنى كۆرەلمىگەنلىك ۋە خەتەرلىك " دەيدۇ.

يىغىندا، ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پائۇلا دﯤ ساتتېر، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن "كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە" بىئو-خىمىيىلىك قوراللارنى تەرەققى قىلدۇرۇۋاتىدۇ، دەپ گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ قىرغۇچى قوراللارنى كونترول قىلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش سەمىمىيىتىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، "بىز خىتاينىڭ قورال - ياراقلارنىڭ كېڭىيىشىگە تۇتقان مۇئامىلىسىدىن ئۈمىدسىزلىنىۋاتىمىز شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغۇچى قوراللارنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن ئەنسىرەۋاتىمىز " دېدى. ئامېرىكا بۇرۇن ئىرانغا ھەربىي تېخنىكا ساتقان بەزى خىتاي شىركەتلىرىنى جازالىغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.