فرانسىيىدە يادرولۇق ئۆزگۈرۈش تەجرىبىخانىسى قۇرۇش ئۈچۈن 7 دۆلەت ئىمزا قويدى
'ۋاشىنگتون خەۋەرلىرى' گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، 21 - نويابىر كۈنى پارىژدا، ياۋرۇپا بىرلىكى، ئامېرىكا، ياپونىيە، خىتاي، رۇسىيە، ھىنىدستان، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق 7 دۆلەت يادرولۇق ئۆزگۈرۈش تەجرىبىخانىسى قۇرۇش ئۈچۈن ئىمزا قويدى. بۇ ھازىر دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش دەپ ھېسابلىنىدىغان ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ قۇرۇلۇش. فرانسىيىنىڭ جەنۇپ تەرىپى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تەجرىبىخانىسى بولىدۇ.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش يادرولۇق ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىش ئارقىلىق، ئىنسانىيەتنى خۇددى قوياش ئىنىرگىيىسىگە ئوخشاش بىر خىل ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان قۇرۇلۇش. پىلانلىنىشىچە، بۇ بۈيۈك قۇرۇلۇشنىڭ تەجرىبىە ئەسلىھەلىرى 2007 - يىلى بىنا قىلىنىشقا باشلايدۇ. 2008 - يىلى تەجرىبە قىلىنىدۇ. 2009 - يىلى يادرولۇق رىئاكتور قۇرۇپ ئىشقا چۈشىدۇ. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقىدا 16 يىل ئايلانغان تېلىسكوپنى قۇتقازماقچى
- ئامېركىىنىڭ ئالەم كېمىسى ئالەم بوشلۇقىدا "سالامەتلىك تەكشۈرۈشى"دىن ئۆتتى
- ئامېرىكا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە ۋە خىتاي ۋەكىللىرى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى كۆرۈشتى
- خىتاي گېنېرالى زۆرۈر تېپىلغاندا ئامېرىكىغا قارشى يادرو قورالى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلدى