گېرمانىيە تەكشۈرگۈچى خادىملىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " بىر قىسىم ئۇيغۇرلار گېرمانىيىدە تۇرۇپ، خىتايغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى پىلانلىماقتا" دىگەن ئەرزىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، پات ئارىدا خىتاينى زىيارەت قىلماقچى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى نەپەر گېرمانىيە تەكشۈرگۈچى خادىمى پات ئارىدا بېيجىڭغا بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى توپلىغان ئاتالمىش " پاكىتلار" ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھەق - ھوقوقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قۇرغان "دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى" ۋە "شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى" نى تېررورچى تەشكىلات دەپ ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن مەزكۇر تەشكىلاتلارنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بىراق، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر نەچچە ئاي بۇرۇن، ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى دېھلىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تېررورلۇق ھوجۇم قوزغاشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ھەمدە ئۇلاردىن ھىندىستاندىكى خىتاي ئورگانلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان. بىراق، ھىندىستاندا، ھازىرغىچە ھېچقانداق ۋەقە يۈز بەرمىدى.
باش شتابى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى قارىلاش ئۈچۈن خاتا ئۇچۇرلارنى تارقىتىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلىمەكتە. (ئارزۇ)
