كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارلىرى: تەن جازاسى قوبۇل قىلىنمايدىغان قىلمىش


2005.12.09

ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ تەن جازاسى ئىشلىرى بويىچە تەكشۈرۈش ئەمەلدارلىرى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تەن جازاسى خەلقئارا قانۇنلاردا چەكلەنگەن قىلمىش شۇنداقلا " بەزى دۆلەتلەر" تەن جازاسىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا، دەپ كۆرسەتتى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىكى تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇتەخەسسىسلەر شەنبە كۈنى يېتىپ كېلىدىغان دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاساسى ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلماي تۇرۇپ بىخەتەرلىككە ئېرىشكىلى بولمايدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.

مۇتەخەسسىسلەر، باياناتىدا تەن جازاسىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان دۆلەتلەرنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ب د ت نىڭ ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئەمەلدارى ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭ، لخاسا ۋە ئۈرۈمچىلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن خىتايدا تەن جازاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ باياناتىدا " بىز كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بەزى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىدىن چەتنەپ كونا ئۇسۇلدىكى قىلمىشلارنى يېڭى ناملار بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدىن بىئارام بولىۋاتقانلىقىمىزنى تەكىتلىمەكچىمىز " دەيدۇ. ئامېرىكا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئەسىر ئېلىنغان گۇمانلىق ئۇنسۇرلارغا تەن جازاسى بېرىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىدى. بىراق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلدى. باياناتقا ب د ت باش كاتىپى كوفى ئانناننىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش بويىچە ئالاھىدە ئەمەلدارى مانفرىد نوۋاك قاتارلىق 33 نەپەر ب د ت ئەمەلدارى قول قويغان. مانفرىد نوۋاك، ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.