"جۇڭگودا تەن جازاسى ئىشلىتىش ئومۇميۈزلىك مەۋجۇت ئەھۋال"

ب د ت نىڭ تەن جازاسىنى تەكشۈرۈش بويىچە ئالىي دەرىجىلىك نازارەتچىسى مانفرىد نوۋاك، پەيشەنبە كۈنى "مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش ئاساسىغا قۇرۇلغان" خىتاي ئەدلىيە سېستىمىسىنى تەنقىد قىلدى ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ تەن جازاسى ئىشلىتىش ئەھۋالى خىتايدا مەملىكەت خاراكتېرلىك مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن جاۋابكارلىققا تارتىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مانفرىد نوۋاك، پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا خىتايدا تەن جازاسىنىڭ ئاساسىي قاتلاملاردا سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ئەدلىيە سېستىمىسىنىڭ گۇماندارلارنى مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش ئاساسىغا قۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، " خارلاش ۋە تەن جازاسى بېرىش سەۋەبى ئاساسلىقى يەنىلا كونا تۈزۈلمىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش تەلىپىنىڭ ئېغىر بېسىمىغا ئۇچرىماقتا " دەيدۇ.

نوۋاكنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ خىتاينىڭ ھازىرقى ئەدلىيە سېستىمىسى" گۇماندارلارنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا جىنايىتىنى ئىقرار قىلىشىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ يېقىندا ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچى، لاخاسا قاتارلىق جايلاردىكى بەزى خىتاي تۈرمىلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش خاتىرىسى بويىچە دوكلات ھازىرلاپ، خىتايدا ئەدلىيىنى مۇستەقىل نازارەت قىلىدىغان سېستىما كاملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، دوكلاتتا " جۇڭگو بويىچە تەن جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ نازارەت قىلىش ئورگانلىرىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكى ۋە ئەدلىيە سېستىمىسىنىڭ مۇستەقىل ئەمەسلىكى " دەيدۇ. نوۋاكنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ خىتاينىڭ شىنياڭ شەھىرىدىكى "شىجياتۇن يىغىۋېلىش لاگىرى" غا نەچچە مىڭلىغان فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ قامالغانلىقى ۋە بەزىلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

يېقىندا فالۇنگوڭ تەرىقىتى "شىجياتۇن يىغىۋېلىش لاگىرى" غا 6 مىڭ نەپەر فالۇنگۇڭ مۇرىتىنىڭ قامالغانلىقىنى ۋە بىر قىسىم مۇرىتلار ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئىچكى ئورگانلىرى چىقىرىۋېلىنىپ سېتىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنى رەت قىلغان ئىدى. (ئەركىن)