ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نوپۇس، مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسى بويىچە ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارتۇر دەيۋېي گۇۋاھلىق بېرىپ، بىر پەرزەنتلىك سىياسىتى كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان قوپال ئىغۋاگەرچىلىك بولۇپلا قالماي، ئەرلەر بىلەن ئاياللار نوپۇسىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزماقتا، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، خىتايدا مەجبۇرى بالا چۈرۈرۈشنىڭ يەنىلا ئومۇمى يۈزلۈك ئەھۋاللىقىنى ئەسكەرتىپ، بىراق بۇ ئەھۋالنىڭ يېقىندىن بېرى يۇمشاشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىچە، ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتى، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى زورلۇق كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىشىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇش ھۆكۈمىتى ب د ت نوپۇس فوندى جەمئىيىتگە بېرىدىغان ياردەم پۇلنى توختىتىپ قويغان. ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارتۇر دەيۋېي، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ياخشىلاش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ياردەمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن يىتەرلىك ئەمەس، دەپ كۆرسەتكەن.

يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت، "كىشىنى يىرگەندۈرىدىغىنى، بىر پەرزەنتلىك سىياسەتنىڭ زورلۇق كۈچ بىلەن ئىزچىل ۋە سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى" دەپ تەكىتلىگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايكىل كوزاك، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى شۇنداقلا دىنىي زاتلارنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (ئەركىن)