ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تېرورچىلىقنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى
2007.05.02
30 - ئاپرىل ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تېرورچىلىقنىڭ دۇنيادىكى ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى.
مەزكۇر دوكلاتتا تېررورچىلىق بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ياكى ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشىنى قوللىغان دۆلەت، رايونلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان. جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئامېرىكىنى قوللاپ كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا، بېيجىڭنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى مۇقىملىقىغا دەخلى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: "بېيجىڭ، خىتاي تېررىتورىيىسى ئىچىدىكى تېررورچىلاردىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ۋە شىنجياڭدىكى ئازسانلىق مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى بىر قىسمىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى مۇقىملىقىغا تەھدىت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلدى."
ئەمما خىتاي ھەققىدە توختالغان مەخسۇس بىر بۆلەكتە "بۇ يىل خىتايدا ھېچقانداق تېررورلۇق ۋەقەسى يۇز بەرمىدى " دېيىلگەن.
لېكىن، ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى، مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاينىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى ئىزچىل باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينى ئەيىبلەپ كەلگەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندا قولغا چۈشكەن بەش نەپەر ئۇيغۇرنى گۇناھسىز دەپ ئاقلاپ خىتاينىڭ نارازىلىقىغا قارىماي ئۆتكەن يىلى مايدا گۇئەنتانامو تۈرمىسىدىن ئالبانىيەگە يولغا سالغانلىقى بايان قىلىنغان. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياپونىيە، ئامېرىكا، ھىندىستان بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزدى
- خىتاي ئامېرىكا ھەربىي مانىۋېرىغا تۇنجى قېتىم كۆزەتكۈچى ئەۋەتىپ قاتناشتۇردى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى جۇڭگوغا مۇناسىۋەتلىك قارار ماقۇللىدى
- روبېرت زولېيك، خىتاينى دۇنياۋى مەسىلىلەردە "مەسئۇلىيەتچان" رول ئويناشقا چاقىردى
- خىتاي ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ئالاقىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بېيجىڭنى خىتاي - ئامېرىكا سودا تەڭپۇڭلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
- خىتاي- ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ 2 - نۆۋەتلىك ئىستىراتېگىيىلىك سۆھبىتى ۋاشىنگتوندا ئاخىرلاشتى
- ئامېرىكا - خىتاي يېڭى ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتىنى باشلىدى