شىمالى ئوسسىتىيەدىكى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش كرىزىسى قەتلىئام بىلەن ئاخىرلاشتى
2004.09.03
رۇسىيىنىڭ شىمالى ئوسسىتىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان قوراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن رۇسىيە ئامانلىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا 150 دەك ئادەم ئۆلدى.
بېرىتانىيە رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتى ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاز دېگەندە گۆرۈدىكى 150 ئادەم رۇسىيە ئامانلىق قىسىملىرىنىڭ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى جەريانىدا ئۆلگەن. تۇتقۇنلارنى گۆرۈگە ئالغان 20 دەك قوراللىق ئۇنسۇر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. خەۋەرلەردە گۆرۈگە ئالغۇچىلار ئىچىدىكى 13 كىشى قېچىپ كەتكەن. رۇسىيە ئامانلىق دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، گۆرۈگە ئالغۇچىلار ئىچىدىكى 3 كىشى بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى ھازىرغىچە مەكتەپ قوراسىدىكى بىر بىنادا گۆرۈگە تۇتۇپ تۇرماقتا ئىكەن .
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى جەريانىدا 490 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان . رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى، رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن 20 دەك گۆرۈگە ئالغۇچىلار ئىچىدىكى 10 دەك كىشىنىڭ ئەرەپ ئىكەنلىگىنى ئېلان قىلدى . گۆرۈگە ئېلىنغان تۇتقۇنلارنىڭ 1200 گە يېتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ 70 ٪ ئۆسمۈرلەر، قالغىنى ئاتا - ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئىدى. قوراللىق ئۇنسۇرلار 1 - سېنتەبىر كۈنىدىكى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مەكتەپنى گۆرۈگە ئالغان. ئامېرىكا، ئوسسىتىيىدىكى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىنى ۋەھشىيلەرچە تېررورلۇق ھەركەت دەپ ئەيىپلىدى. (ئەركىن)
5- سېنتەبىر رۇسىيىدىكى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
6- سېنتەبىر شىمالىي ئوسسېتىيە ۋەقەسى ھەققىدىكى ئىنكاسلار
7- سېنتەبىر شىمالىي ئوسسېتىيە ۋەقەسى ۋە پۇتىن
8- سېنتەبىر رۇسسىيە چېچەن رەھبەرلىرىنى تۇتۇش مۇكاپاتى ئېلان قىلدى