رۇسىيىدىكى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى


2004.09.05

رۇسىيىنىڭ بېسلان شەھىرىدىكى كىشىلەر يەكشەنبە كۈنى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىدە قازاغا يولۇققانلارنى دەپنە قىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى338 گە يەتكەن .

برىتانىيە رادىئو- تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ھەر خىل شەكىلدىكى تەزىيە مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، دۈشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنلىرى يەنە، مەملىكەت بويىچە تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدىكەن.

بۇنىڭ ئالدىدا، روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىن تېلېۋىزور نۇتىقى سۆزلەپ، رۇسىيىدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بىر بىخەتەرلىك سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىشقا ۋەدە بەردى. ئۇ نۇتۇقىدا يەنە، چېچەنىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالىي كاۋكاز رايونىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ ئوسسىتىيە جۇمھۇرىيىتى بېسلان شەھىرىدىكى بىر مەكتەپ قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، مەكتەپ ئىچىدىكى بالىلار، ئاتا- ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار گۆرۈگە ئېلىنغان ئىدى. جۈمە كۈنىدىكى روسىيە ئامانلىق قىسىملىرىنىڭ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى جەريانىدا گۆرۈگە ئېلىنغانلاردىن 338 ئى ئۆلگەن. 700 دىن ئارتۇقى يارىلانغان. ئۆلگەنلەرنىڭ يېرىمى بالىلار ئىكەن.

يەرلىك بىخەتەرلىك خادىملىرى، گۆرۈگە ئالغۇچى 30 نەچچە كىشىنىڭ ئىچىدە 27 ئىسىنىڭ ئۆلۈپ، ئۈچىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ۋە يەنە بىر نەچچىسىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ چېچەنلەر ۋە ئەرەبلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (ئارزۇ)

3- سېنتەبىر شىمالى ئوسسىتىيەدىكى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش كرىزىسى قەتلىئام بىلەن ئاخىرلاشتى

6- سېنتەبىر شىمالىي ئوسسېتىيە ۋەقەسى ھەققىدىكى ئىنكاسلار

7- سېنتەبىر شىمالىي ئوسسېتىيە ۋەقەسى ۋە پۇتىن

8- سېنتەبىر رۇسسىيە چېچەن رەھبەرلىرىنى تۇتۇش مۇكاپاتى ئېلان قىلدى

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.