ئامېرىكا، خىتايدا تېررور تەھدىدى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا پۇقرالىرىنى خىتاينىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى كۇلۇب، رېستوران ۋە مەكتەپلەردىكى تېررور تەھدىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ھوڭكوڭدىكى ئامېرىكا كونسولخانىسىنىڭ توربىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ئۇقتۇرۇشىدا، ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىن گۇئاڭجۇدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى شۇنداقلا ئامېرىكا شىركەتلىرىگە تېررورلۇق بىر تەھدىتى بارلىقى توغرىسىدا مەلۇمات قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن.

ئۇقتۇرۇشتا، تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ ئامېرىكىلىقلار بارىدىغان كۇلۇب، رېستوران ھەمدە ئامېرىكىلىقلار ئىشلەيدىغان ئورۇنلار ۋە مەكتەپلەرگە قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام ئەسەبىي كۈچلىرى خىتايدىكى ئالىي دەرىجىلىك مىھمانخانىلارغا ھۇجۇم قوزغىشى مۇمكىن دېگەن مەلۇماتىغا ئاساسەن، خىتايدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى خىتايدا تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان. لېكىن بىر كۈن كېيىن بۇ ئۇقتۇرۇشىنى قايتۇرىۋالغان. ئامېرىكا خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن مەنبەنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە قارشى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۆكتەبىر ئېيىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېررورچىلىق پائالىيىتى بىلەن چېتىشلىق 19 نەپەر چەتئەل پۇقراسىنى قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇئىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)