ئەنگىلىيە ساقچىلىرى، ئەنگىلىيىدىن ئامېرىكىغا قاراپ ئۇچماقچى بولغان يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنى پارتىلتىشقا ئۇرۇنۇش تېررورلۇق سۈيقەستىنى پاش قىلدى. ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشۈشىچە، مەزكۇر تېررورلۇق ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرغان ئاساسلىق جىنايەتچىلەر قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنگىلىيىدە تۇغۇلغان ئىكەن.
نيو-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ 10 - ئاۋغۇست بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، تېرروچىلار، قولىدا كۈتىرىۋالىدىغان يۇك تاقىلىرى ۋە قول سومكىسى ئارىسىغا پارتلاتقۇچ ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئايرۇپىلان ئۇچقاندىن كېيىن پارتىلتىشنى پىلانلىغان. ئۇلارنىڭ نىشانى 10 ئايرۇپىلاننى پارتىلتىش ئىكەن.
بۇ ئارىدا ئامېرىكا تەرەپ، ھاۋا ساقچىلىرىنى ئەنگىلىيىگە ئەۋەتىپ، ئەنگىلىيىنىڭ ئاۋىئاتسىيە بىخەتەرلىكىگە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى.
ئەنگىلىيە ساقچىلىرى، نۆۋەتتە مەزكۇر ۋەقە سەۋەبىدىن 21 كىشىنى قولغا ئالدى. ئەنگىلىيە دائىرىلىرى يەنە، ئاۋىئاتسىيە بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ئالاھىدە كۈچەيتىپ، ئايرۇپىلانغا قاچىلىنىدىغان بارلىق بۇيۇملارنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈلىشى، سۇ، مېۋە سۈيىگە ئوخشاش سۇيۇقلۇقلارغىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى قارار قىلدى.
رويېتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، يەنە بىر ئايدىن كېيىن 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 5 يىللىقى بولۇپ، تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ يەنە قايتا سادىر بولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەنگىلىيە ساقچىلىرى بارلىق چارە - تەدبىرلەرنى ئىشقا سالىدىكەن. مەتبۇئاتلاردا يەنە كىشىلەرنىڭ، ئەگەر ئەنگىلىيىگە بېرىش زۆرۈر بولمىسا، پىلانىنى ۋاقتىنچە ئۆزگەرتىشى تەشەببۇس قىلىنغان. (ئەقىدە)