ئەنگىلىيە دائىرىلىرى بىخەتەرلىك تەدبىرىلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە

ئەنگىلىيە ساقچىلىرى 24 نەپەر تېررور گۇماندارنى قولغا ئېلىش بىلەن بىرگە، تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكتىنى كەڭ كۆلەملىك داۋاملاشتۇرماقتا.

ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشۈشىچە، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ يېشى 17 ياشتىن 35 ياشقىچە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەنگلىيىدە تۇغۇلغان مۇسۇلمانلار ھېسابلىنىدىكەن.

نۆۋەتتە ساقچىلار ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىنى تەكشۈرمەكتە. ساقچىلار يەنە 28 كۈن ئىچىدە ئۇلار ئۈستىدىن دىلو تۇرغۇزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئامېرىكىدىكى بىر ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ تەكىتلىشىچە، يەنە 5 نەپەر تېررور گۇماندارى قولغا چۈشمىگەن بولۇپ، تېررورچىلارنىڭ ھەرقانداق بىر ۋاقىتتا، يەنە تېررورلۇق ھەركىتى قوزغاش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

تېررورچىلارنىڭ ئايرۇپىلان پارتىلتىش پىلانى، ئەنگىلىيىنىڭ ئاساسلىق ئايرۇپىلان ئىستانسىسىلىرىنى قاتتىق ساراسىمگە ئۇچراتتتى. نۆۋەتتە ئەنگىلىيە ئايرودرومىدا يولۇچىلارنىڭ، سۇ ۋە مېۋە سۈيىگە ئوخشاش ھەر قانداق سۇيۇقلۇق بولۇپمۇ يۈز ماي، ئەتىر، شۇنىڭدەك چاچ مايلارنى ئايرۇپىلانغا ئېلىپ چىقىشى مەنئى قىلىنغان.

بۇ ئارىدا ئامېرىكا تەرەپمۇ، ئەنگلىيىگە قاراپ ئۇچىدىغان يولۇچىلار ئايرۇپىلانلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتكەنلىكى تەكىتلىدى.

ئەنگىلىيە دائىرىلىرى، 11 ‏- سېنتەبىر پاجىئەسىنىڭ 5 يىللىقى ھارپىسىدا، تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)