ئامېرىكا ئەلچىخانىسى تېررورلۇق ھۇجۇم ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى قايتۇرۇۋالدى

ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى پەيشەنبە كۈنى ئىسلام رادىكاللىرىنىڭ خىتايدا ھۇجۇم قوزغاش ئېھتىماللىقى بارلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىنى قايتۇرۇۋالدى.

ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بۇنىڭ ئالدىدا، ئۆزلىرىنى ئىسلام رادىكاللىرىنىڭ كىلەر ھەپتە خىتايدىكى ئالىي مېھمانخانىلاردا تېررورلۇق ھۇجۇم قوزغىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. بۇنىڭ بىلەن ئەلچىخانا چارشەنبە كۈنى تور بېتىدە پۇقرالىرىنى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان. ئۇقتۇرۇشتا، " خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ھەر قايسى ئالىي مېھمانخانىلارنى كىلەر ھەپتە ئىچىدە تېررورلۇق ھۇجۇم يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى" دېيىلگەن.

ئامېرىكا ئەلچىخانىسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ خەۋەرنىڭ ئىشەنچىلىك ئەمەسلىكىنى بايقىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭمۇ خىتايدا تېررورلۇق ھۇجۇم يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى.

ئەمما فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ ھېچقاچان ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ۋە ياكى مېھمانخانىلارغا بۇنداق بىر ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ تېررورلۇق تەھدىت ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ "بىر قىسىم چەتئەللىكلەر تەرىپىدىن ئويدۇرۇلۇپ چىقىرىلغانلىقى" نى كۆرسەتكەن. (ئارزۇ)