خىتاي، ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا قارىتىلغان تېررورلۇق تەھدىت ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
2005.11.15
ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى گۇئاڭجۇدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ۋە ئامېرىكا ئەسلىھەلىرىنىڭ تېررورلۇق تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلغان كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تېررورلۇق تەھدىت ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، چەتئەللىكلەر ۋە چەتئەل ئەسلىھەلىرىنى قوغداش يولىدا تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، "ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا دىققەت قىلىۋاتىمىز. جۇڭگو، جۇڭگودىكى چەتئەللىكلەر ۋە چەتئەل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە داۋاملىق ئەھمىيەت بېرىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان تەھدىتنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالمىدى، ئەمما " بىز بەزى تەدبىرلەرنى ئالدۇق شۇنداقلا ئۇلارنى قوغداش يولىدا جىددىي تەدبىرلەرنى ئالىمىز" دەيدۇ.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى جەنۇبىي جۇڭگودا ياشايدىغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، گۇئاڭجۇدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ ئامېرىكا ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلغان تېررورلۇق تەھدىت توغرىسىدا "ئىشەنچلىك يىپ ئۇچىغا" ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئايال باياناتچىسى شېيلا پاسكمان، بۇ قېتىمقى تەھدىتنىڭ ئۆتكەن قېتىمقى تەھدىتكە قارىغاندا " پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى" بىلدۈردى.
خىتاي ساقچىلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى ئەسەبىي ئىسلامچى گۇرۇھلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان. ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ئۇچۇرنى توغرا ئەمەس، دەپ ئېلان قىلغان. (ئەركىن)