ئامېرىكا جۇڭگوغا ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىنى بىكار قىلدى

قوشما شتاتلار جۈمە كۈنى خىتايدا بولۇپمۇ خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ئامېرىكا نىشانلىرىنىڭ تېررورلۇق تەھدىتكە ئۇچراش مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان ئاگاھلاندۇرۇشىنى بىكار قىلدى. ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، 9 - ئىيۇندا ئېلان قىلغان ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىغا يوللىغان ئۇقتۇرۇشىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان ئاگاھلاندۇرۇشىدا، ئىسپاتلانمىغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئامېرىكا نىشانلىرى، بولۇپمۇ چېركاۋ، مەكتەپ، رېستۇرانت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئامېرىكىلىقلار يىغىلىدىغان بەزى ئاممىۋىي سورۇنلار تەھدىت ئاستىدا بولۇشى مۇمكىن، دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئەلچىخانىسى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا " چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ۋە جۇڭگو دائىرىلىرى بىلەن بولغان مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2006 - يىلى 9 - ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردىن ئەنسىرەشكە كېرەك قالمىدى، دەپ قارىماقتا" دەيدۇ. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تېررورلۇق تەھدىتى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى ، چەتئەللىكلەرنى ۋە جۇڭگودىكى چەتئەل ئەسلىھەلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى جۈمە كۈنكى خەۋىرىدە جۇڭگو ئەنئەنە بويىچە تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ ئۇۋىسى بولمىسىمۇ، لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى غەربىي - شىمالدىكى شىنجاڭدا نوپۇسى مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىق ۋاستىلار بىلەن شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرىمىز، دەپ بىئارام قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەكتە، دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)