تونىي بلېير ئەنگلىيىدىكى ئىسلام دىنى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
2005.07.19
ئەنگلىيە باش مىنىستىرى تونىي بلېير ئەنگلىيىدىكى ئىسلام دىنى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، لوندوندا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشتى.
ئەنگلىيە ب ب س رادىئو-تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تونىي بلېير ئىسلام دىنى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، پارتلاش ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچى ئەنگلىيە ياشلىرىنىڭ قانداق قىلىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرىدە پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلغۇچىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ۋە دىنىي رادىكالنى تەشۋىق قىلغۇچىلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ ئارىدا ئەنگلىيە مالىيە مىنىستىرى براۋن پارتلاشتا زەخمىلەنگۈچىلەرگە ياردەم قىلىش ۋە ساقچى كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن 20 مىليون پوندستېرلىڭ ئاجرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ ئالدىدا ھۆكۈمەت قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ئۈچۈن 10 مىليون پوندستېرلىڭ ئاجراتقان ئىدى.
ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا جەمئىي 52 كىشى قازا قىلىپ، 700 دىن كۆپ كىشى يارىلانغان ئىدى. بۇ ئەنگلىيىدە يۈز بەرگەن تۇنجى قېتىملىق ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- لوندوندىكى پارتلاش ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچى گۇماندارلار ئەنگىلىيە گراژدانى
- ئەنگىلىيە ساقچىلىرى لوندوندا نورمال ھاياتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تەشەببۇس قىلماقتا
- ئەنگىلىيە ساقچىلىرى پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن 3 كىشىنى قولغا ئالدى
- لوندوندىكى پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى 50 كە يەتتى
- ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا نۇرغۇن كىشى ئۆلدى ۋە يارىلاندى