ئوساما بىن لادىن بىلەن خىتاينىڭ يوشۇرۇن مۇناسىۋىتى
2006.09.28
9-ئاينىڭ 27- كۈنى ھىندىستاننىڭ "دۆلەت ئەربابى" گېزىتىدە ئوساما بىن لادىن بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە "ئوساما ئۆلدىمۇ؟" دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلغان ھىندىستانلىق جۇرنالىست راجىندەر پۇرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئوساما بىن لادىننىڭ خوجايىنى قىلىپ كۆرسەتتى.
ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبانلار ۋە ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى ھەمدە رايوندا ھىندىستانغا قارشى ھەرىكەتلەرنى قوللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن راجىندەر پۇرى، بۇنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن پاكىتلار مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي 1999- يىلى ھىندىستان ھاۋا يوللىرىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنغانلىقىدىن، ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن خەۋەر تاپقان. ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ھاكىمىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان خىتاي ھۆكۈمىتى 2001- يىلى يانۋار ئېيىنىڭ باشلىرىدا ب د ت نىڭ تالىبانلارغا قارشى ئىمبارگو يولغا قويۇش قارارىغا قارشى چىققان.
راجىندەر پۇرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى ئوساما بىن لادىننىڭ، ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ھىندىستاننى ئىسلام دىنىنىڭ دۈشمەنلىرى دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۈرىشىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇۋاتقان خىتاينى ھازىرغىچە تىلغا ئالمىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا، ئوساما بىلەن خىتاي ئارىسىدا يوشۇرۇن بىر مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. (قانات)