رۇسىيە "ئەتىگەنلىك" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى رونالد نوبىل، ئالدىنقى كۈنى فرانسىيىنىڭ لىئون شەھىرىدە ئېچىلغان خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ يىغىندا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى تېررورلۇق ھۇجۇمغا ئۇچرۇشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇرغان شۇنداقلا ھۇجۇم قورالى بىئو-خىمىيىلىك باكترىيە بولۇش ئېھتىمالى بار، دەپ تەكىتلىگەن.
خەۋەردە، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا لىئوندىكى يىغىندا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىئو-خىمىيىلىك قوراللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىمالى ئالاھىدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى يازدى.
يىغىندا خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىدىكى رونالد نوبىل،" بىز ھۇجۇم ئېھتىمالىنى رېئاللىقتىن يىراق ئەمەس، دەپ قارايمىز،" دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ " ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى بار تەشكىلاتنىڭ ئىسمىنى ئاتىمىغان. ئەنگىلىيىنىڭ "كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى" بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، خىتاي ئەل-قائىدەنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولمىسىمۇ، لېكىن ئولىمپىك يىغىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتايلارنىڭ "دوۋېي ئاخبارات تورى "بولسا خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى ناھايىتى ئاسانلا "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى"گە باغلىدى. مەزكۇر تورنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە "ئولىمپىك جەريانىدا يۈز بېرىدىغان تېررورلۇق ھۇجۇم شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىدىن كېلىشى مۇمكىن،" دەيدۇ. لېكىن، يېقىندا ۋىنگىرىيىنىڭ پىچ شەھىرىدە چاقىرىلغان خەلقئارا "تېررورلۇق ھەرىكەتلەر"گە مۇناسىۋەتلىك يىغىندا غەربلىك مۇتەخەسسىسلەر، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش خەۋپى مەۋجۇت بولسىمۇ ،لېكىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس، دەپ قارىغان. (ئەركىن)