مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينى يوشۇرۇن تەھدىت دەپ كۆرسەتتى
2005.02.07
ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى شۇنداقلا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، خىتاينى ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەھدىت، دەپ كۆرسەتتى. يۇقىرىقى ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتكە قارىتا دىققىتىنى چېچىۋەتكەن.
ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋولسېي، ئۆتكەن ھەپتە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاخبارات كومىتېتىتىدا گۇۋالىقتىن ئۆتۈپ، " ئەگەر ئامېرىكىغا كېلىدىغان ئاساسلىق تەھدىتلەردىن 4 - 5 نى ساناپ بېرىشكە توغرا كەلسە، مەن خىتاي، شىمالى كورىيە ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۈچ مۇستەبىتلەر ھەركىتىنى سانىغان بولاتتىم،" دەپ تەكىتلىگەن. ۋولسېينىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتاي كۆپ خىل مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىغا دۇچ كەلمەكتىكەن.
ئۇ، خىتاينىڭ باشقىلار بىلەن توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، ئىچكى زىدىيەتنى سىرتقا بۇراش ئىھتىماللىقى چوڭ، دەپ تەكىتلىگەن. يىغىنىدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ياردەمچى مىنىستىرى كامبېرلىي گۇۋالىق بەرگەن. ئۇ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى تېرورچىلىققا قارشى ئۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتكە سەل قارىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "مېنىڭچە ئەگەر بىز ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى شۇنداقلا خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىگە دىققەت قىلمىساق، كەلگۈسىدە ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن." ۋولسېي سابىق پرېزىدېنت كلىنتون دەۋرىدە 1993 -يىلدىن 1995 -يىلغىچە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. كىمبېرلىي، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا بىخەتەرلىك سىياسىتىگە مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. (ئەركىن)
- كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقلار خىتاينى يەنىلا تەھدىد ھېسابلايدىكەن
- ٪ 58 جەنۇبىي كورىيىلىكلەر خىتاينى ياخشى كۆرمەيدىكەن
- ياپونىيە مۇداپىئە سىياسىتىنى ئۆزگەرتتى
- ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ بىخەتەرلىك باياناتى خىتاينى نىشانلىغان
- ياپونىيە خىتاينىڭ مۆلچەردىكى دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش قىممىتىنى قويۇۋېتىش ۋاقتىنى بېكىتىشنى رەت قىلدى