ئامېرىكا خىتايغا ئىلغار تېخنىك ئېكسپورت ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتتى


2007.06.16

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكىدىن خىتايغا قىلىنىدىغان ئىلغار تېخنىك ئېكسپورتى ئۈستىدىكى كونتروللۇقنى كۈچەيتىپ، يېڭى بەلگىلىمىلەر يولغا قويدى. جۈمە كۈنى ئامېرىكا سودا مىنستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يېڭى تەدبىرلەر ئايروپىلان، ئايروپىلان ماتورى ۋە ئىلغار ئالاقە ئۈسكۈنلىرى قاتارلىق 20 تۈردىكى ئىلغار تېخنىك مەھسۇلاتنىڭ خىتايغا ئېكسپورتنى قاتتىق كونترول قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان.

ئامېرىكا سودا مىنسىتىرى كارلوس گۇتېرەس جۈمە كۈنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، "بۈگۈن ئېلىنغان قارارلار ھەم مىللىي بىختەرلىكىمىز ھەم ئامېرىكا ئېكسپورت سودىگەرلىرى ھەمدە ئامېرىكىدا ئىش ئىمكانىيىتى يارتىىش ئۈچۈن پايدىلىق" دەپ، كۆرسەتتى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلغان ئىلغار تېخنىكىدىن ھەربىي تېخنىكىسنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئەندىشىلەر كۆپەيمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن سىرت يەنە خىتايغا ئىلغار تېخنىك ئېكسپورت قىلىشتا يېڭى پروگرامما يولغا قويىدىغان بولۇپ، بۇ پروگراممىغا ئاساسەن خىتايدىكى " ئىشەنچلىك خېرىدارلار" ئېكسپورت تىجارەت گۇۋاھنامىسى بولمىسىمۇ، ئامېرىكىدىن ئىلغار تېخنىك ئۈسكۈنلىرى ئىمپورت قىلالايدىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي شىركەتلىرى " ئىشەنچىلىك خېرىدار" تىزىملىكىگە كىرىش ئۈچۈن ، ئامېرىكىنىڭ ئىلغار تېخنىكسنى ھەربىي مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەك ئىكەن. بۇنداق شىركەتلەر بۇنىڭدىن سىرت يەنە كىمنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىكەنلىكى ھەمدە پۇل مۇئامىلىلىرى ھەققىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مەلۇمات بېرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتنىڭ شىركەتلەرنىڭ زاۋۇتلىرىنى تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىكەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.