تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش تەلىپى رەت قىلىندى


2007.05.14

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى تەيۋەننىڭ ئەزالىق تەلىپىنى رەت قىلدى. تەيۋەن ئون يىلدىن بېرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدا نازارەتچى ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ب د ت غا قاراشلىق بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت مۇستەقىل دۆلەتلەرلا بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولالايدۇ، دەپ تەيۋەننىڭ ئەزالىق تەلىپىگە قارشى چىقماقتا.

تەيۋەن ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سىرتىدا قىلىشى، ب د ت نىڭ قۇش زۇكىمى قاتارلىق تېز تارقىلىدىغان كېسەللىكلەرگە قارشى دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ دەپ، ئاگاھلاندۇردى.

تەيۋەن سەھىيە مىنىستىرى خۇ شېڭماۋ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قارارىدىن كېيىن، تەيبىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.