خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش توغرىسىدا ب د ت نىڭ باش كاتىبى پان كى مونغا سۇنغان ئىلتىماسىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لى جەن چاۋ، تەيۋەننىڭ ب د ت غا ئەزا بولۇش توغرىسىدىكى ھەرىكىتىنى، تەيۋەننى جۇڭگودىن ئايرىشنى مەقسەت قىلغان تەيۋەندىكى مۇستەقىلچى كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى، دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا "بىز بۇ ھەرىكەتكە قەتئىي قارشى تۇرىمىز ۋە ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۈزىتىمىز. تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ بۇ بۆلگۈنچى ھەرىكىتى چوقۇم مەغلۇب بولىدۇ" دېدى. لى جىيەن چاۋ باياناتىدا "پەقەت مۇستەقىل دۆلەتلەر ب د ت غا ئەزا بولالايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
لېكىن تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبىيەن پرېزىدېنت ئىشخانىسىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، " تەيبى ھۆكۈمىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيۋەنگە قارشى يولغا قويۇلىدىغان ئىقتىسادىي جازاغا قارشى تۇرۇش پۈتۈن تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ ۋە تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى، شەرەپ - ئىتىۋارىنى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى ئىشقا سالىدۇ" دېدى.
تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبىيەن پەيشەنبە كۈنى تەيۋەن ئىسمى بىلەن ب د ت غا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ب د ت باش كاتىبى غا رەسمىي ئىلتىماس سۇنغان. تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ 1993 يىلىدىن بېرى خىتاي جۇمھۇرىيىتى ئىسمى بىلەن ب د تغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن تىرشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبىەن، بۇ يىل ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، تەيۋەن ئىسمى بىلەن ئەزا بولۇش ئۈچۈن ب د ت غا ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئۆمەر قانات)