سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي قوماندانى، ئەگەر تەيۋەن خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ياردەم بېرىش ئۇچۇن تېزلىك بىلەن ئەسكەر يۆتكەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ئادېمىرالى تىمتي كىتىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ھازىر ئامېرىكا ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان شارائىتتا، ئەگەر تەيۋەن بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، ئامېرىكا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگىمۇ دېگەن سوئالغا قارىتا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىنى ئوز ئىچىگە ئالغان ، دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىكى كرىزىسقا تېزلىكتە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
ئۇ گەرچە ئامېرىكىنىڭ "ئۆزى مەسئۇل جايلاردا" بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئازراق قوشۇنى بولسىمۇ، ئەمما، قوشۇننى تىز يۆتكەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە "بىزنىڭ باشقا جايلاردىكى ھەربىي ئىلگىرىلەشلەرنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان ھەرخىل ۋاسىتىلىرىمىز ۋە ئىلغار ئانالىز قىلىش ئۇسۇللىرىمىز بار. بۇ بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ئىلغار. بولۇپمۇ، تەيۋەن بوغۇزىغا كەلسەك، بىز ئۇ يەرگە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن ئەسكەر يۆتكىيەلەيمىز " دېدى.
تەيۋەننىڭ مۇستەقىلچى پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلىپ ئومۇمىي خەلق راي سىناش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ۋە مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلى خىتاي بىلەن تەيۋەن ئارىسىدىكى جىددىيچىلىك تېخىمۇ كۈچەيگەن ئىدى. (جۈمە)