ئامېرىكا ب د ت دىن، تەيۋەن خىتاينىڭ بىر قىسىمى دېگەن باياناتىنى تۈزۈتىشىنى تەلەپ قىلماقتا


2007.08.12

تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلىنىڭ مۇئاۋىنى خۇاڭ ۋېفېڭ، شەنبە كۈنى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم تەيۋەنلىكلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ب د ت باش كاتىبلىق ئىدارىسىدىن، تەيۋەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسىمى دېگەن باياناتىنى تۈزۈتىشىنى تەلەپ قىلماقتا دەپ، بىلدۈرگەن.

تەيۋەن دېپلوماتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ب د ت باش كاتىبى پان كى موندىن، مارت ئېيىدا تەيۋەننىڭ ب د ت نىڭ ئاياللار ھوقۇقى توغرىسىدىكى شەرتنامىسىگە قول قويۇش تەلىپىنى رەت قىلىپ يازغان خېتىدىكى ئىپادىلىرىنى تۈزۈتىشىنى تەكىتلىمەكتە ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ب د ت باش كاتىبى مەزكۇر خېتىدە، ب د ت نىڭ 2758 نومۇرلۇق قارارىنى ئەسكەرتىپ، تەيۋەننى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسىمى دەپ كۆرسەتكەن .

ب د ت باش كاتىبىنىڭ بۇ باياناتىنى رەت قىلغان تەيۋەن ۋەكىلى،" ب د ت نىڭ 2758 نومۇرلۇق قارارى پەقەت خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى، خىتاينىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى دەپ ئېتىراپ قىلىپ، تەيۋەننىڭ ب د ت دىكى ئورنىنى خىتايغا بەرگەن، لېكىن مەزكۇر قاراردا ھېچقاچان تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر قىسىمى دەپ ئېتراپ قىلىنمىغان" دەپ كۆرسەتتى.

تەيۋەن ۋەكىلى، ب د ت باش كاتىبىنىڭ بۇنداق بايانات بېرىش ئارقىلىق چوڭ بىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلەپ "ئەگەر بۇ خاتالىق تۈزۈتۈلمىسە، تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بىر دۆلەت سۈپىتىدە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇش ھەرىكىتى چوڭ توسالغۇلارغا ئۇچرايدۇ" دېدى. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.