تەيۋەن خىزمەت گۇرۇپپىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى


2008.02.23

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىكى خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان، تەيۋەن سىياسىتى خىزمەت گۇرۇپپىسى، جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن سىياسىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، تەيۋەن بوغۇزىدا كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان ۋەزىيەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن، تەيۋەن بىلەن رەسمىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشى كېرەك دەپ، كۆرسەتتى.

تەيۋەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىدا، " ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي بېسىمى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان، ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىتتىپاقدىشى ھېسابلانغان تەيۋەنگە سەل قارىشى، ناھايىتى جىددىي بىر توقۇنۇش چىقىش خەۋىپىنى كۈچەيتمەكتە"دېيىلگەن.

دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتىن كۈنسېرى كۈچىيىۋاتغانلىغى شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى سىياسىي جەھەتتىن خەلقئارا سەھنىدە يالغۇز قالدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى، رايوندا ناھايىتى خەتەرلىك بىر ۋەزىيەت ياراتقان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، ئاخىرقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە داۋاملىق تەيۋەننى تەنقىد قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تەيۋەنگە بېسىم ئىشلىتىپ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن، تەيۋەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىدا، ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى مىللىي مەنپەئەتىنىڭ خەتەرگە چۈشۈپ قالىدىغانلىقى، تەكىتلەنگەن.

تەيۋەن خىزمەت گۇرۇپپىسى دوكلاتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى، تەيۋەن بىلەن مۇناسىۋەتلەردە مەۋجۇت چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا شۇنىڭدەك تەيۋەن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكىلىق كەسىپداشلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىغا رۇخسەت بېرىشكە چاقىرغان. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.