خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى تەيۋەندىن ئۆتكۈزۈش پىلانىدىن ۋازكەچتى
2007.09.22
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مەشئىلىنى تەيۋەندىن ئۆتكۈزۈش پىلانىدىن ۋازكېچىشنى قارار قىلدى.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خادىملىرى، پەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ تەيۋەندىن ئۆتۈشى مەسىلسىدە 10ئايدىن بېرى ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەرنىڭ نەتىجە بەرمىگەنلىكىنى، شۇڭا ئولىمپىك مەشئىلىنى تەيۋەندىن ئۆتكۈزۈش پىلانىدىن ۋازكىچىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبىيەن، جۈمە كۈنى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خادىملىرىنىڭ باياناتىدىن كېيىن، مۇخبىرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ تەيۋەندىن ئۆتۈشى مەسىلسىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە، خىتاي تەرەپنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن ھەرىكەت قىلمىغانلىقىنى، سۆھبەتلەرنىڭ مۇشۇ سەۋەبتىن نەتىجىسىز قالغانلىقىنى كۆرسەتتى.
بېيجىڭ دائىرىلىرى بولسا، تەيۋەن تەرەپنىڭ ئولىمپىكنىڭ رۇھىنى ئەكسئەتتۈرىدىغان بىر مەسىلىگە مەقسەتلىك ھالدا سىياسەتنى ئارىلاشتۇرغانلىقىدىن نەتىجىسىز قالدى دەپ، كۆرسەتمەكتە.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئولىمپىك مەشئىلى مەسىلسىدە تەيۋەن بىلەن خىتاينىڭ كېلىشەلمىگەنلىكى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچسىزلىكنىڭ قانچىلىك جىددىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى جەريانىدا، مىللىي بايرىقىنى ئىشلەتمەسلىك، مىللىي گېمنىنى ئېيتماسلىق قاتارلىق شەرتلەر بىلەن، تەيۋەننىڭ 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئولىمپىك مەشئىلى مەسىلسىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئەڭ قاتتىق دۈشمەنلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ئىختىلاپلارنى ھەل قىلالايدىغان بىر قورال دەپ، كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۈچۈنمۇ جىددىي بىر زەربە ھېسابلىنىدىكەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دۇنيا ئاياللار پۇتبول لوڭقىسى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە باشلاندى
- چېن شۈيبيەن، ب د ت غا ئەزا بولۇش نىيىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى
- د ئۇ ق خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ چاقىرىقىغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى
- ئاتاقلىق كىنو چولپىنى رىچارد گېر، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئوچۇق بولۇشقا چاقىردى
- ئەنگىلىيە مىنسىتىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىشىنى تەلەپ قىلدى
- گرېتسىيىدىكى ئوت ئاپىتىدە 50 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى
- ئامېرىكا ب د ت دىن، تەيۋەن خىتاينىڭ بىر قىسىمى دېگەن باياناتىنى تۈزۈتىشىنى تەلەپ قىلماقتا
- ئافېنادا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قارشى كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلى ياندۇرۇلدى