تايلاندتا ھەربىيلەر ھۆكۈمەتكە قارشى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى

تايلاندتا ھەربىيلەر چارشەنبە كۈنى باش مىنىستىر تاكسېن شىناۋاترادىن ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، پايتەخت بانكوك كوچىلىرىدا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلدى.

تايلاند ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى گېنېرال سوندى بۇنياراتكېلىن، تايلاند بۇيىچە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى ۋە ئاساسىي قانۇننىڭ توڭلىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. تايلاند ھەربىي قىسىملىرى چارشەنبە كۈنى باش مىنىستىر تاكسېننىڭ ئىشخانىسىنى قامال قىلىپ، تېلېۋىزور ئىستانسىسىنى كونترول قىلدى ۋە ھوقۇقنىڭ ۋاقتىنچە پادىشاھغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ھەربىي تەرەپ ئېلان قىلغان بۇيرۇقنامىدە، " پايتەخت بانكوكنىڭ ھەربىي ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن. تايلاند ھەربىي تەرەپ باياناتچىسى، " ئەمدى ھۆكۈمەت دۆلەتنى ئىدارە قىلمايدۇ " دەپ بايانات بەردى. سىياسىي ئۆزگىرىش جەريانىدا ئۆلۈم - يىتىم ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن.

بۇ 1992 - يىلدىن بېرى تايلاندتا يۈز بەرگەن تۇنجى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ۋەقە يۈز بەرگەندە باش مىنىستىر تاكسېىن نيۇ - يوركتا ئىدى. ئۇ بۇ يەرگە ب د ت ئومۇمى قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۇچۈن كەلگەن. تاكسېن، ھەربىي قىسىملارنى گازارمىغا قايتىشقا چاقىردى ۋە شتاب باشلىقى سوندى بۇنياراتكېلىننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. (ئەركىن)