تايلاند ئارمىيىسى ئىككى ھەپتە ئىچىدە يېڭى رەھبەرنى سايلاپ چىقماقچى

تايلاندتا ھۆكۈمەتكە قارشى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغان تايلاند ئارمىيىسى چارشەنبە كۈنى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى كونترول قىلغاندىن كېيىن ئىككى ھەپتە ئىچىدە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت رەھبىرىنى سايلاپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تايلاند ئارمىيىسى گېنېرالى سوڭتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە، ۋاقىتلىق رەھبەرنى سايلاپ چىققاندىن كېيىن 2007 - يىلى 10- ئايدىن ئىلگىرى سايلام ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىپادىلىشىچە، تايلانتتىكى سىياسىي داۋالغۇش بىر نەچچە ئاي داۋاملاشقان بولسىمۇ، قان تۆكۈلمىگەن ھالەتتە پايتەخت بانكوكنىڭ ھەربىي ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنغان. ئۇ يەنە " تايلاند ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى چىرىكلىك، تايلاندنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىگە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەن ئىدى" دەپ كۆرسەتكەن.

ھەربىي قىسىملار ھازىرچە ھوقۇقنى پادىشاھنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئاخباراتلار پادىشاھنىڭ ھەربىي قىسىملارنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىشىغا نىسبەتەن ئىپادە بىلدۈرمەي سۈكۈتتە تۇرۇشى، ئۇنىڭ قوللىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ تەھلىل قىلماقتا. نۆۋەتتە تايلاندنىڭ ھەربىي، سىياسىي، مەمۇرىي ۋەزىيىتىنى ھەربىي قىسىملار كونترول قىلماقتا، بۇ تايلاندتا 15 يىلدىن بۇيان ھەربىي قىسىملارنىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەتنى ئىدارە قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. (گۈلچېھرە)