تىبەتلەر، ئافېنادىكى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا خىتايلارغا نارازىلىق بىلدۈردى


2004.08.29

تىبەت پائالىيەتچىلىرى ئاتىنادىكى ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىنىڭ يەكشەنبە كۈنكى يېپىلىش مۇراسىمىدا تىبەت بايرىقىنى چىقىرىپ ، 2008 - يىلدىكى ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىنىڭ ساھىپخان دۆلىتى بولغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

تىبەتلىك پائالىيەتچىلەر ، تىبەت بايرىقىنى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدىكى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلگەن تەنتەربىيە سارىيىغا مۇۋاپىقىيەتلىك ئەكىرىپ ، يېپىلىش مۇراسىمى باشلىنىشدىن بىر قانچە مىنۇت بۇرۇن تىبەت بايرىقىنى چىقارغان . بىراق تىبەتلەرنىڭ قولىدىكى بايراق بىلەن تىبەت بايرىقى چۈشۈرىلگەن مايكىلار ئەتراپتىكى ساقچىلار تەرىپىدىن يىغىۋېلىندى .

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، خەلقارا تىبەت ھەركىتىنىڭ باياناتچىسى تەنزىن سېۋۇ ، بېيجىڭ بىلەن خىتاي تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەىدە قىلىپ تۇرۇپ ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزىشكە لايىق ئەمەس دەپ كۆرسەتكەن . 2008 - يىلدىكى ئولىمپىك يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدۇ . بېيجىڭ. ئاتىنادىكى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا ئولىمپىك بايرىقىنى تاپشۇرىۋالدى . ئولىمپىك يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى چەتەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ، خىتاي دىموكراتلىرى تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق ھەركىتىگە ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى جاكالىغان . 25 - ئاۋغۇست كۈنى خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق كۈزۈتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى 2008 - يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغىچە كىشىلىك ھوقۇق ، ئەمگەك ھوقۇقى ۋە مەتبۇات ئەركىنلىكى بويىچە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان ئىدى . (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.