تىبەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى تەرغىپ قىلغۇچى، تىبەت ھەرىكىتى خەلقئارا تەشكىلاتى، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ بۇ ئاينىڭ ئاخىرى تىبەتنى زىيارەت قىلىش پىلانىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تىبەت ھەرىكىتى خەلقئارا تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، پات ئارىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ زىيارەت، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ تىبەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى ئىكەن .
ياۋرۇپا بىرلىكى رەئىسى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى، 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تىبەتنىڭ پايتەختى لاسا ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى رايونلاردا 4 كۈنلۈك زىيارەت ئېلىپ بارىدىكەن، خەۋەرلەردىن مەلۇم بولىشىچە، ياۋرۇپا بىرلىكى بېيجىڭ بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە دىئالوگ ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن، تىبەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى ئىكەن . (ئەقىدە)